باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ‹‹بەش دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلدى
2008- 01- 21 10:25 شىنجاڭ گېزىتى

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىق دائىمىي رەئىسلىرى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 16–يانۋار چۈشتىن ئىلگىرى ۋە 18–يانۋار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، پىلان، مالىيە دوكلاتى ۋە ‹‹ئىككى مەھكىمە›› دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

   سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، بادەي قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىللە ‹‹بەش دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلدى.

   مەھمۇد روزى، مەمەت ئەيسا، دولقۇن توختى، ياۋ جيەنشىن، قاباي ماتاي قاتارلىق ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەپ  تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ، ئۆتكەن بەش يىلدا ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇ بولدۇكى، ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىغا ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلدى. يېزىلاردا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، دېھقان – چارۋىچىلارغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

   يۇنۇس سالى، مەمتىمىن شايىدىن، سۈن گۇاڭشىن، لى جيەنخوڭ، ئامانگۈل مەتيۈسۈپ قاتارلىق ئەزالار مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ چوڭ تەرەققىيات ۋە چوڭ گۈللىنىشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇڭا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پىلان، تەسەۋۋۇرلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەپەككۈر يولى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەنگەن، تەدبىرلەر كونكرېت بولۇپ، كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ.

   ئەزالار ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ماۋخېڭ، شامىل شاكىر، ۋاڭ جيەنلىڭ، چېن چى قاتارلىق ئەزالار مۇنداق دېيىشتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئىشلىرىنى ياخشى بولغان قانۇن – تۈزۈم مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ قانۇن  تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەممە ئىشتا قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا باشتىن  ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتۇنوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ