باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 01- 21 10:17 شىنجاڭ گېزىتى

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 –يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 18–يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدا 2 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

   سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم،بادەي قاتارلىقلار ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

   يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆ-لۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىگە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

   يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 –يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى(لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 –يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە)قاراپ چىقىلدى ۋە بۇ ئىسىملىك، لايىھىلەرنى ئەزالارنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە كېڭىشىشى ھەم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ