|
شامىل شاكىر قاتارلىق 20ئەزانىڭ تەكلىپى:
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقىنىمدا شامىل شاكىر، تۈرگۈن ئىبراھىم، تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان، گۈزەلنۇر قۇربان، شامىس قۇمار، چى چوڭچىڭ، سېرىك ماغاۋيا قاتارلىق 20ئەزانىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرىمى قىلىپ بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
مەن بۇ تەكلىپنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى شامىل شاكىر قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدىم.
ئەزا شامىل شاكىر مۇنداق دېدى: نەۋرۇز بايرىمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى. نەۋرۇز دېگەن سۆز يېڭى يىل، يىل بېشى دېگەن مەنىدە بولۇپ، 2500يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21–كۈنى دىيارىمىزدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە چىرايلىق بايراملىق كىيىملەرنى كىيىشىپ، كاتتا يىغىلىش ۋە مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ، خۇشال – خۇرام ھالدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، نەۋرۇز ئېشى يىيىشىپ، باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىشىدۇ ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ يەر تېرىپ، كۆچەت تىكىپ، باھارنىڭ ئىشلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەۋرۇز بايرىمىدا يەنە ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئەزا چى چوڭچىڭ مۇنداق دېدى: نەۋرۇز بايرىمى ئاپتونوم رايونىمىزدا خېلى چوڭ تەسىرگە ئىگە بايراملارنىڭ بىرى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست)، شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 21–كۈنى مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ كەلدى، جايلارمۇ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بايرام تەنتەنىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇنداق مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ پائالىيەتلەر دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
شامىل شاكىر قاتارلىق 20ئەزا تەكلىپتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېقىندا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قايتا تەڭشىگەندە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق بىر قىسىم مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بۇ بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى بېكىتتى. بۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا پايدىلىق. شۇڭا، بىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىش تەلىپى بويىچە، نەۋرۇز بايرىمىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرىمى قىلىپ بېكىتىپ، ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 21–كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى تۈزۈملەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|