باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز
2008- 01- 18 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 1– ئاينىڭ 17–كۈنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان، مالىيە دوكلاتىغا داۋاملىق قاراپ چىقتى.

    ۋەكىللەر مۇنداق دېيىشتى: ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يېڭى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئىدىيىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئۆز رايونىمىز، ئۆز ئورنىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، غەيرەتكە كېلىپ، تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

    قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل ۋاڭ تيېمىن مۇنداق دېدى: ئۈچ دوكلاتنىڭ ھەممىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى يۆلەش نىشانى ۋە تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ سۇ، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسىي مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش تەكىتلىنىپتۇ. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك.

    قۇمۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل شۇ جىشىن مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىڭتۈەنمۇ، يەرلىكمۇ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە كۈچ سەرىپ قىلىشى، بولۇپمۇ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشى، كۆپ خىل ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى  تېزلىتىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشقا كۈچ  سەرپ قىلىشى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

    خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل چىن جىنشەن مۇنداق دېدى: مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىدە، بىز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك. باغۋەنچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ياڭاقچىلىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز؛ پىچەكگۈل، توشقان زەدىكىنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل ما دېمىڭ مۇنداق دېدى: دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن، يېزا ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇمەن.

    ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل ۋەن زۇڭلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك تۈۋرۈكى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زىممىزدىكى مۇقەددەس بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىپ، پائال تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق نىشىانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشمىز كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ