باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى ياخشى بولدى
2008- 01- 18 10:26 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئاساسىي تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش؛ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ پەن – تېخنىكا، مائارىپ ۋە نامرات رايونلارنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش؛ ئەمگەك  ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا 829پارچە تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بەرگەنىدى. بېجىرگۈچى ئورۇنلار  288تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ھەل قىلدى ۋە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى.

    تۇرسۇن ئاۋۇت، يالقۇن مەخمۇت، پاتىگۈل مەمەت، لى ۋېنيىڭ قاتارلىق 30ۋەكىل بەرگەن ‹‹سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ››نىڭ بېجىرىلىشى ياخشى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2006–يىلىنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايون بويىچە 1 – نومۇرلۇق ھۆججەت ‹‹سوتسىيالىستىك  يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر›› نى تارقاتتى. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ ناھىيە، 14يېزا – بازار، 22 كەنت سىناق نۇقتىسى قىلىندى. مۇشۇ ئاساستا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ ‹‹تۆت چوڭ بازا›› قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى؛ رايونلار تەرەققىياتى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى تىرىشىپ تېزلىتىلدى. ئابدۇراخمان قۇربان قاتارلىق تۆت ۋەكىل بەرگەن‹‹كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ››(270–نومۇرلۇق)كە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. 2006–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنت كادىرلىرى 55 مىڭ 715كىشى بولۇپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىنغان ئىش ھەققى 200مىليون 220مىڭ يۈەن بولدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3594يۈەنگە يەتتى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن بۆرتالا ئوبلاستى كەنت كادىرلىرى، يېزىلاردىكى ‹‹ئۈچ پېشقەدەم›› لەرنىڭ سودا خاراكتېرلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، كەنت كادىرلىرىنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بۇ خىزمەت تەجرىبىلىرى ئەستايىدىل يەكۈنلەنگەن ئاساستا ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتىلىدۇ. 

    پەيدىنپەي ھەل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ 303 پارچە بولۇپ، بۇ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ%36.6 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئابدۇرىشىت ھۈسەن قاتارلىق 20ۋەكىل ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ <ئىككى ئاساسەن> مائارىپى قەرزىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە››نى بەردى، ‹‹ئىككى ئاساسەن›› مائارىپى قەرزى كۆپ يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە چوڭ، قېيىن مەسلە بولۇپ كەلدى. مائارىپ نازارىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەركەزگە ئىنكاس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا 1مىليارد 300مىليون يۈەن ‹‹ئىككى ئاساسەن›› قەرز پۇلى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى؛ 2006–يىلى ئاپتونوم رايون 2006–يىلىدىن 2010–يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا دەرىجە بويىچە ئۈستىگە ئېلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ 2000–يىلدىن ئىلگىرىكى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› مائارىپ قەرز پۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلشنى قارار قىلدى.

    مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل بېجىردى. تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ۋەكىللەرنىڭ رازى بولغان – بولمىغانلىقىنى بېجىرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ