|
.مالىيە مىنىستىرلىكى 16 – يانۋار جايلارنىڭ بۇ يىل1- ئاينىڭ1-كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆستۈرۈلگەن، كارخانىلاردىن پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنى چاغاندىن ئىلگىرى پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ قولىغا تەككۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەز مالىيەسىدىن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار، كونا سانائەت بازىلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە 14 مىليارد 920 مىليون يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغى ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
·دۆلەت تاماكا مونوپول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چېڭكاڭ 16 – يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتكۈل تاماكا كەسپى بۇ يىل ئېنىرگىيە تىجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەننەرقنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىپ، بايلىق سەرپىياتىنى ئازايتىپ، تىجەشلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادى ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
·تۈنۈگۈن جۇڭگو بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ بانكا يېقىندا جۇڭگو بانكىسى خەلقئارا فوند باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ 83.5 پىرسەنت پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، فوند شىركىتىنىڭ ئەڭ كۆپ پاي ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىچىدىكى سودا بانكىسى بولۇپ قالغان.
·جۇڭگو پۇلات - تۆمۈر گورۇھى شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خۇاڭ تيەنۋېن مۇشۇ ئاينىڭ تۈنۈگۈن مۇنىلارنى بۈلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو پۇلات - تۆمۈر گورۇھى شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىن ئۈمىد بار.
·خام سۈت باھاسىنىڭ ئۆسىشى، توشۇش تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئۇنۋېرسال تەننەرخنىڭ ئېشىشى سەۋەپلىك، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۈت باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەن.
.2- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى رايونى تەۋەسىدە ئۆي - مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ئۆي - مۈلۈك شىركەتلىرى ئەگەر ئۆي سېتىش ھىساب نومۇرىنى ئۈرۈمچى ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە رويخەتكە ئالدۇرمىسا، ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى شۇ شىركەتنىڭ ئۆيىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىنى ئىشلىتىشى ياكى ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزى ئېلىشنى بىجىرىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىكەن.
·ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدا 148 خەتەرلىك سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى نورمال جارى قىلدۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
|