|
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتناشقان 550 ۋەكىل ئىچىدە ئىشچى، دېھقان – چارۋىچى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئومۇمىي ۋەكىل سانىنىڭ%30ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن%3.8 ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى 550 ۋەكىل ئىچىدە كادىرلار ۋەكىل ئومۇمىي سانىنىڭ %29.82 ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %5.5 تۆۋەنلىگەن؛ زىيالىيلار%20.73 نى ئىگىلىگەن؛ دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار%12.91 نى ئىگىلىگەن؛ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللىرى%4.55 نى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللىرى%2نى ئىگىلىگەن. ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ%66ىنى ئىگىلىگەن؛ ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان. باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز نوپۇس ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان. بۇ قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنى سايلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن.
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولمىغانلار ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %36ىنى ئىگىلىگەن. ئايال ۋەكىللەر %26نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %1.4 ئاشقان. ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ۋەكىللەر ۋەكىل ئومۇمىي سانىنىڭ%80 ىنى ئىگىلەپ ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن%6 ئاشقان؛ 55 ياشتىن تۆۋەن ئوتتۇرا ياش، ياش ۋەكىللەر ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ%88.18 ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن%14.18 ئاشقان بولۇپ، ۋەكىللەرنى ياشلاشتۇرۇش، ئىختىساسلاشتۇرۇشتەك ئالاھىدىلىك تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ۋەكىللەر ئىچىدە چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى كارخانىچىلار ۋە ئىلمىي تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھىرلىرى، كەسپىي ئائىلىلەر، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشكە يېتەكلەۋاتقان باشلامچىلار ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار شەخسلەرمۇ مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگىلىگەن؛ مائارىپ، پەن – تېخنىكا، سىياسىي قانۇن، ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىق ساھەلەر، مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىقلاردىن سايلانغان ۋەكىللەرمۇ مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سايلانغان ۋەكىللەر ئىلغارلىق، كەڭ دائىرىلىك، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ ساپاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
|