|
يىغىندا ئون ئەزا سۆزگە چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسەتتى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 16–يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ‹‹كوئېنلۇن›› مېھمانسارىيىدا 2 – قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا جياڭ پىڭئەن، بۈھەجەر ئابلا، يۈسۈپجان ئابدۇرېشىت قاتارلىق ئون ئەزا سۆزگە چىقىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى نىشانى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چارە – تەدبىر كۆرسەتتى.
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەت كەرىمباي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

ئەزا يۈجۇڭلياڭ ‹‹<ئۈچ شىمال> ئۇدۇل تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلماقتا
يىغىندا ئەزا جياڭ پىڭئەن گومىنداڭ ئىنقىلابىي پارتىيىسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا بۈھەجەر ئابلا ‹‹شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا يۈسۈپجان ئابدۇرېشىت ‹‹خام ماتېرىيال سەپلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نېفىت – خىمىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا گوشىمىن ‹‹قوشنا دۆلەتلەرگە نەزەر سېلىپ، مەۋقەنى كەلگۈسىگە قارىتىپ، ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى پۇل – مۇئامىلە مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى›› دېگەن تىمىدا؛ ئەزا جاڭ شاڭجيەن ‹‹شىنجاڭنىڭ <خوتەن قاشتېشى>، <خوتەن ياغلىق قاشتېشى> ماركىسىنى قوغداش ۋە بىرىكتۇرۈشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۇرۈشكە بولمايدۇ›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا يۈجۇڭلياڭ ‹‹<ئۈچ شىمال> ئۇدۇل تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا ۋاڭ جېڭرۇڭ ‹‹ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا مېڭ چىڭسەي ئىشچى – دېھقانلار پارتىيسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتى دورا بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى››دېگەن تىمىدا؛ ئەزا خۇجىبىن‹‹ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتەيلى›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا ۋاڭ جيەنلىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن ‹‹نىكاھلىنىشتىن ئاۋۋالقى تېببىي تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئەزا يۈسۈپجان ئابدۇرېشىت ‹‹خام ماتېرىيال سەپلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نېفىت – خىمىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلماقتا
ئومۇمىي يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ ۋېي رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، مەمەتجان ئەمەت، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، بادەي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
|