باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى
2008- 01- 17 10:12 شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ لېچۈەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 15–يانۋار چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

   ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققاندا مۇنداق دېيىشتى: ‹‹دوكلات››تا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا خۇلاسىلىنىپتۇ، كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ ھەم 2008–يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلىپتۇ، ‹‹دوكلات›› كىشىنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە روھلاندۇرىدۇ. ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك تەدبىر ۋە نىشانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن سانجى ئوبلاستىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ لى شۆجۈن، كوڭ شىڭلوڭ، ياڭ جيې، جۇ فالىن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ئەۋزەللىككە ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئىگە بەلباغقا ئايلىنىپ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات شارائىتىنى ھازىرلىدى. بىز پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەلالىرىنى، كۈچلۈكلىرىنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى بوشاشماي يولغا قويۇپ، ئەڭ جەلپكارلىققا، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە كەسىپلەر ۋە ئەڭ ياخشى تۈرلەرنى، ئەڭ ياخشى بايلىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىقتىدارى، ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،غەربىي جۇڭغار كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر –خىمىيە سانائىتى بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك، ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، بايلىقلارنى ئېچىش كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈپ، چوڭ كارخانىلارنى يەرلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

   ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەنكى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيىلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ئومۇمىي ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئەسقەت كەرىمباي ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سېلىندى. ئىلى ئوبلاستىدىكىلەر تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، رايون، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى سانائەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، مالىيە ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   نۇر بەكرى قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق چەكلىك مالىيە كۈچىنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشلاش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىدۇ؛ مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى تىرىشىپ ياخشىلايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىل بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،  تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.

   نيې ۋېيگو ئاقسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەمەلىي ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىنىپتۇ. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدا ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق نىشان ۋەزىپىلەر ئىلمىي ۋە ئەمەلىي بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز چوقۇم دوكلاتنىڭ تەلىپى بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نىشان ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   ياڭ گاڭ ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلات يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ياخشى پىلانلانغان. ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن نىشان ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ