|
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 15–يانۋار چۈشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرىتتىن قاتناشقاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلدى. مۇزاكىرىدە ئەزالار بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز چوقۇم ئاكتىپ تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىمىز.
ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەر ھەممەيلەننى چەكسىز شادلاندۇرىدۇ ھەم گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. بىز چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››نى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
ئەزا ھۆرىگۈل جاپپار مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ،مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون پەن – تېخنىكا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پەن – تېخنىكا خادىملىرى يېڭىچە سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش،شەھەرلىشىش شۇنداقلا، تۆت چوڭ بازا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىملىق قىلىپ، ھەممە ساھەلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
مۇزاكىرىدە دولقۇن توختى، خۇاڭ چاڭيۈەن، مەھمۇد روزى، ليۇ جيەنخۇڭ قاتارلىق ئەزالار سۆز قىلىپ، مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا ناھايىتى مۇكەممەل خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ نىشانى ۋە تەدبىرلىرىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ كىشى قەلبىگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يەنە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، سەھىيە، تېببي داۋالاش ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر، شۇنداقلا ،خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ‹‹قىزىق نۇقتا›› مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ كەڭ كۈشادە پىكىر بايان قىلدى.
|