|
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان – مالىيە دوكلاتىنى داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 16–يانۋار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە پىلان – مالىيە دوكلاتىنى داۋاملىق قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا چوقۇم پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىسىتراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك. ۋاڭ لېچۈەن لۇ شياڭباۋ، ماجۈن، گاۋ شىمىي، ۋۇ جيالىن، جاڭ پىڭ، ئالىم رەقىپ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چۆرىدىگەن ئاساستا قىلغان ئۈرۈمچى – سانجى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئىناق مەھەللە قۇرۇش، رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھازىرقى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە— ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، بالىلاردىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، رايونلار بىلەن بولغان پەرقىمىز ئاساسلىقى سانائەت تەرەققىياتىدىكى پەرق. ئۇلارغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن، يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر – ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇپ، بۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئەمەلىي كۈچى، ئىقتىدارى بار چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى شىنجاڭنى ئېچىشقا جەلپ قىلىپ، بايلىقلارنى ئېچىش كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سۈرئەت، ھالقىما تەرەققىياتتىكى يېڭىچە سانائەتلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، باشقا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ماددىي ئاساس سېلىش كېرەك.
كىرىم ۋە تەقسىمات خەلق ئاممىسى ۋە ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كىرىم بىلەن تەقسىماتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇپ، قارىغۇلارچە سېلىشتۇرما قىلماسلىقىمىز، جۇغلانما نىسبەتنى ئۆستۈرۈپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن مالىيە كىرىمىنى ئاساسىي قاتلامغا، يىراق، جاپالىق رايونلارغا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇشىمىز، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە، يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتقا ۋە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

ئالتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ۋەكىل سابىر ئايىتجان مۇنداق دېدى: تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالتاينىڭ پەرقى يەنىلا زور. بىز زور كۈچ بىلەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرىلىتىپ، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئەۋزەل كەسپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى يارىتىشىمىز، يېزا، كەنت ساياھىتى، قىشلىق ساياھەت ۋە چېگرا ساياھىتىنىڭ كۆلىمى، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
شىخەنزە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل سۇڭ جىگو مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈش، كارخانىلار ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى تەتقىقات ئېچىشنىڭ ئاساسلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر – سەنئەتنى بازار بىلەن بىۋاسىتە جىپىسلاشتۇرۇپ، رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەسەنجان مۇنداق دېدى: ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدىمۇ تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ ئۇللۇق شارائىتلىرى ھازىرلاندى، دېھقانلارمۇ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشىدى. تۈرلۈك كەسىپلەردە كۆلەم شەكىللەندى. ھەممىمىز بىر نىيەتتە تىرىشساقلا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
|