باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 01- 16 12:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    .دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك مال باھاسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن دەرھال مەملىكەت مىقياسىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنى جىددى تەكشۈرۈپ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بازىرىنىڭ باھا تەرتىپىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ھەر دەرىجىلىك مال باھاسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرىۋېلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بىرىش ھەركىتىنىڭ  دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى، قىسمەن شەھەرلەردە تۇڭغا قاچىلانغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

   · ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىكى يېقىندا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك توختىمىنى تولۇقلاپ ئىمزالىشىدىكى ئاخىرقى چەك ئىكەنلىكىنى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك توختىمىنى تولۇقلاپ ئىمزالاشنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كەينىگە سوزسا يۇقىرى سوممىدا جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

   ·ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشقۇرىلىدىغان 11 كارخانا بىرلەشمە جەمئىيىتى نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 60 نەچچىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 8 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 10 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

   ·ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولغان، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالغان، مۆلچەرلىنىشىچە،  دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى يورۇق نۇقتا بولۇپ قالىدىكەن.

   ·ئۈرۈمچى ۋاگزالى بېلەت سېتىش زالىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 19 -كۈنىدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىچكىرى رايونلارغا بارىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتى سېتىلىپ بولۇنغان. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى يېتىپ كېلەي دەپ قالغاچقا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پويىز ۋاگزاللىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى  پويىز بېلىتىنى سېتىشقا باشلىغان.

   · ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل بۇغداينىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى، يېڭىدىن 10 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ، ئاشلىق ‹‹ ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشى››، ‹‹ مول ھوسۇل ئېلىش پەن - تېخنىكا قۇرۇلۇشى››، ‹‹ ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشى››دىن ئىبارەت ئۈچ پەن - تېخنىكا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلغان.

   ·بۇ يىل ئەتىياز 2 - مەۋسۈملۈك دەرس باشلىنىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش راسخوتى ۋە كىتاب پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ