|
15 – يانۋار جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركىزى بانكا بۈگۈن 2008 – يىللىق چاغانلىق ئادەتتىكى تەبرىكلەش خاتىرە پۇلى تارقىتىدىكەن. بۇ پۇلنىڭ قىممىتى 1 يۈەن بولۇپ، 10 مىليون پارچە تارقىتىلىدىكەن. مەركىزى بانكىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ خاتىرە پۇلنىڭ دىئامېتىرى 25 مىللىمېتىر بولۇپ سېرىق مىس بىرىكمىسىدىن ياسالغان. ئوڭ تەرىپىدە خەنزۇچە ‹‹جۇڭگو خەلق بانكىسى››، ‹‹ بىر يۈەن›› دېگەن خەتلەر ۋە پىنيىنچە ‹‹ بىر يۈەن››، ‹‹ 2008 - يىلى›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان. كەينى تەرىپىدە بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سول قولىدا جۇڭگو چەگمىسىنى، ئوڭ قولىدا خەنزۇچە ‹‹ بايلىق›› خېتى شەكلىدىكى پوجاڭزىنى كۆتۈرىۋالغانلىق كۆرىنىشى چۈشۈرۈلگەن. بۇ خاتىرە پۇلنى نۆۋەتتە ئوبوروت قىلىۋاتقان خەلق پۇلىغا ئوخشاش ئوبوروت قىلغىلى بولىدىكەن .
|