|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 2008- يىللىق پوچتا خىزمىتى يىغىنىدىن ئېگىلىشىچە، 2007- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پوچتا كەسپىي شىركەتلىشىپ ئىگىلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ ساغلام تەرەققىي قىلغانلىقتىن پۈتكۈل كەسىپنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ ، ئورۇلدالغان كەسپىي كىرىم 976 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
2007 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسى شىركەتلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان تۇنجى يىل، شۇنداقلار پوچتا شىركىتىنىڭ ئىسلاھات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. 2007- يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز پوچتا خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن،‹‹ئۈچ چوڭ بۆلەك›› بويىچە ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كەسىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. پوچتا يەتكۈزۈش تىپىدىكى كەسىپلەر، ماددىي ئەشيالار ئوبوروت كەسپى ۋە پۇل - مۇئامىلە كەسپىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈۋرۈك كەسىپنىڭ يادرولۇق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ ۋە تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش، تەڭشەش قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرىدا تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، ئۈچ تۈردىكى تۈۋرۈك كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇنىڭ بىلەن پوچتا يەتكۈزۈش تىپىدىكى كەسىپلەر ئىچىدە پوسولكا كەسپى داڭلىق ماركىسى ۋە تور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغانلىقتىن بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسپىي كىرىم 72 مىليون 280مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%7.82 ئاشتى؛ ماددىي ئەشيالار ئوبروت كەسپىدە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىڭ 500 ئورۇندا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيسى كۆرىنەرلىك يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن قېلىنغان كىرىم 38مىليون380مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%12.52ئاشتى. 2007- يىلى تاماملانغان كەسپىي كىرىم 976 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.96 ئاشتى.
|