|
.سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پۇ چاڭچېڭ يېقىندا مۇنداق دىدى: بۇنىڭدىن كىيىن سۇلياۋ خالتا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بازارنى تەمىنلەش مىقدارىنى ئېنىقلىغان ئاساستا، مۇناسىپ بازارغا كىرىشكە ئىجازەتنامىسى تۈزۈلىدۇ ھەمدە سۇلياۋ خالتىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تېزدىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
·دۆلەت تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى سودا كۈنىدە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتى مىخانىزىمى ئىسلاھاتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئارىلىق باھا بارلىققا كەلگەندىن كىيىن، تۈنۈگۈن يەنە 7 يۈەن 2 مو 6 پۇڭلۇق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، 7 يۈەن 2 مو 5 پۇڭ 66 لىلىق يىڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ يەككە كۈندىكى قىممىتىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 106 ئاساسىي نۇقتا بولدى.
·مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى 5 مىڭ 507.58 نۇقتىدا ئېچىلىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 0.42 پىرسەنت؛ شېنجىن ئاكسىيە بازىرى 19 مىڭ 74.35 نۇقتىدا ئېچىلىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 0.3 پىرسەنت يۇقىرى بولدى.
·ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئالاتاۋ تاشيول چىگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكىسپورت قىلىنغان مال 220 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2006 - يىلدىكىدىن 72.8 پىرسەنت ئاشقان. بۇ ئالاتاۋ تاشيول چىگرا ئېغىزى ئېچىلغاندىن بۇيان، يىللىق مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنىڭ تۇنجى قېتىم 200 مىڭ توننىدىن ئېشىشى، شۇنداقلا چىگرىدىن كىرىپ - چىققان خادىم ۋە ئاپتوموبىللار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي - مۈلۈك ئىدارىسى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى سودا مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېتىلغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 3 مىليون 474 مىڭ 200 كىۋادىرات مېتىرغا يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 98.92 پىرسەنت كۆپ بولغان؛ سېتىلغان تاۋار ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 3 مىليون 105 مىڭ كۋادىرات مېتىرغا يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 107.67 پىرسەنت كۆپ بولغان. بۇلتۇر، 93 ئۆي - مۈلۈك ئېچىش كارخانىسى تاۋار ئۆيلەرنى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسى ئالغان.
·مۆلچەرلىنىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول تىرانسىپورتىدا يولۇچى مىقدارى 16 مىليوندىن 16 مىليون 500 مىڭغىچە بولۇپ، 2006 - يىلىدىكىدىن 3 پىرسەنتتىن 5 پىرسەنتكىچە كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى قۇرۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا چاغانلىق يولۇچى توشۇش بەلگىسى چاپلايشنى، 980 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم، تەخمىنەن 20 مىليون ئورۇنلۇق تۇشۇش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە ۋاختىداچىقىشىغا، بىخەتەر، رازى بولغۇدەك يول يۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
·بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېڭىدىن سېلىنىدىغان خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنى ئېنىرگىيە تىجەيدىغان قىلىپ سېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلقپ، ئېنىرگىيىنى 50 پىرسەنت تىجەشكە كاپالەتلىك قىلنىدۇ، يېڭىدىن سېلىنغان قۇرۇلۇشلارغا چوقۇم ئىسسىقلىقنى مىقدارلاشتۇرۇپ ھىسابلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ.
|