|
.قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى 13 – يانۋار ئېچىلغان جۇڭگو قۇرۇلۇشلاردا ئېنىرگىيە تىجەش يىللىق مۇھاكىمە مۇنبىرىدە تونۇشتۇرۇپ: نۆۋەتتە، دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت بىنالىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى بىنالارنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتى مەسىلىسى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ - دىدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، دۆلەت ئورگانلىرىنمىڭ خىزمەت بىنالىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى بىنالارنىڭ يىللىق توك سەرپىياتى مەملىكەت بويىچە شەھەر، بازارلارنىڭ توك سەرپىيات ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %22 ىنى ئىگىللەپ، ھەر كۋادىرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ توك سەرپىيات مىقدارى ئادەتتىكى ئاھالىلار ئولتۇراق بىنالىرىنىڭ 10 ھەسسىدىن 20 ھەسسىگىچە توغرا كەلگەن. بۇ ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئوخشاش تۈردىكى بىنالارنىڭكىدىن 1.5 ھەسسىدىن 2 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولغان.
·دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پولات - تۆمۈر كەسپىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورگنى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى بازار ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە، دۆلەت ئىچى پولات باھاسىدا بايرامدىن كىيىنكى ئازراق ئۆرلەش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان، سوغۇق پىرىسلانغان يۆگىمە پولات تاختاينىڭ ئامبار زاپىسى بىر قەدەر ئاز بولغانلىقتىن، باھاسى كۆرىنەرلىك ئۆرلىگەن.
·جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائېتى جەمئىيىتى 13 – يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي ئاپتوموبىل گورۇھى شىركىتى، 1 - ئاپتوموبىل گورۇھى شىركىتى ۋە شەرق شامىلى ئاپتوموبىل گورۇھى شىركىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل گورۇھىنىڭ ھەربىرىنىڭ بۇلتۇر ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان ئاپتوموبىل سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەپ، داۋاملىق دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالغان.
·جۇڭگو بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆمۈر كانلارنى تەرتىپكە سېلىش، تاقاش بويىچە ئاساسقا ھۇجۇم قىلىش ھەركىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 11 مىڭ 155 كىچىك كۆمۈر كان تاقالغان، شاللىۋېتىلغان قالاق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 250 مىليون توننىغا يەتكەن.
·جۇڭگو ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل سودا مەركىزىنىڭ باش دىرىكتورى دىڭ خوڭشياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل بازىرى يەنىلا تەخمىنەن%20 لىك ئېشىش سۈرئېتىنى ساقلاپ، ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل سانى 360 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماركىسى ۋە تىپى كۆپىيىدۇ، ئىمپورت قىلىنغان دالا ئاپتوموبىللىرى يەنىلا بازىرى ئىتتىك ئاپتوموبىل بولۇپ قالىدۇ.
·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى نېفىتلىك، گازلىق كارخانىلىرى ئاشكارىلىغان ئىشلەپچىقىرىش پىلانىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 27 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئېشىش دەرىجىسى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مىليون توننىلىق نېفىتلىكتىن بىرنى يېڭىدىن ئاچقان بىلەن باراۋەر بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
·جۇڭگو نېفىت گوروھى تارىم نېفىتلىك شىركىتى ۋە غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيىسى شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، تارىم ئويمانلىقىدىن 29 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئى گاز غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا يەتكۈزۈلگەن.
·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز پونكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گورۇھى شىركىتى تۇڭغا قاچىلانغان 15 كىلوگىراملىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ باھاسىنى ئەسلىدىكى 75 يۈەندىن 70 يۈەنگە چۈشۈرگەن.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىسى يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاممىۋى قاتناش IC كارتىسى بار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى بۇلتۇر تاسادىپىي جىسمانىي خىيىم – خەتەر سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغان.
·شىنجاڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپىرتىپى بىرلەشمە كوپىراتىنىڭ مۇدىرى يېقىندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 مىليون 720 مىڭ دېھقان - چارۋىچى ئىچىدە%94 ى شىنجاڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ قەرزىگە ئېرىشتى، بۇ يىل بېشىدىكىدىن 26 پوئىنت ئاشتى. جۇڭگو بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باش قۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ دېھقانلار ئاز سوممىلىق قەرزىنىڭ قاپلاش نىسبىتى مەملىكەتتىكى يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
·ئاپتونوم رايونلۇق ئېنىرگىيە تىجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، شىخەنزە شەھىرى، كورلا ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ رەڭلىك مىتال سانائېتى گورۇھى ئاز ئۇچرايدىغان مىتاللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭلياڭ گورۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تۈنخې پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئايلانما ئىگىلىك سىناق نۇقتا ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .
·مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى چوڭ ئوت ئاپىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار كىيىم - كېچەك بازىرى— دېخۈي خەلقئارا مەيدانىنى ۋەيران قىلغاندىن كىيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى شياۋشىمېن توپ سېتىش بازىرىدىكى بالىلار كىيىم – كېچەكلىرى دۇكانلىرىدا مال قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
|