|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 56 ناھىيە (شەھىرى)دىكى دېھقانچىلىق– چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشتى.
يېڭى يىلدا، كۇئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق چەرچەن ناھىيىسى چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار ناھىيە ئۇلار ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن ياتاقلىق مەكتەپتە خۇشال ھالدا يېڭى يىل ئۆتكۈزدى. تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياسىمەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :‹‹ ھازىر بىز تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئېلىپلا قالماي يەنە شەھەردىكى بالىلار بىلەن ئوخشاش بولغان ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتىدىن بەھرىمان بولدۇق. ئىلگىرى ئۆگىنىش شارائىتىمىز بەك ناچارتى، ھازىرقى مەكتىپىمىز بەك ياخشى، كومپيۇتېر، تاۋۇش ئۆگىنىش ئۆيى بار، ياتاقلىرىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى، ياتاققا پۇل ئالمايدۇ، تاماقمۇ ھەقسىز››.
يېزا ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشكەنلەر چەرچەر ناھىيىسىدىكى بالىلارلا ئەمەس. 2004- يىلى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 700 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ يېزا ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، تۈر ئاپتونوم رايوندىكى ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان 28 ناھىيە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلمىغان 23 ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 5 تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان شەھەرگە چېتىلىدۇ. بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ‹‹ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشى››بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، 11 تۈرلۈك ئاساسىي قۇرۇلۇش رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئاساسىي مائارىپ تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەشتە مەمۇرىي جەھەتتە ئاجرىتىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جايلار ئۈچۈن 50 مىليون تۈر مەبلىغى تېجەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈر مۇتەخەسسسىلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تۈر ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈردى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايوندىكى 378 مەكتەپ يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن 103 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسى ھەل بولدى، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان 68 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مالىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شېڭ دۈنچۈەن مۇنداق دېدى:‹‹ ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپلا قالماي، يەنە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ياخشى ئوقۇش مەسىلللىرىنى ھەل قىلدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىللىق مائارىپى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىگە تەسىس قىلىنغان تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى›› .
|