|
·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 68 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ، باھا 7 يۈەن 2 مو 7 پۇڭ 23 لىدا مەلۇم قىلىندى.
·مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى، شاڭخەي پاي چېكى بازىرى 5 مىڭ 365.22 نۇقتىدا ئېچىلىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 0.4 پىرسەنت؛ شېنجىن پاي چېكى بازىرى 18 مىڭ 202.61 نۇقتىدا ئېچىلىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 0.36 پىرسەنت يۇقىرى بولدى.
·جۇڭگو ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى شاڭ فۇلىن مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى: ئالتۇن قەرەللىك مال سودىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى دۆلىتىمىز قەرەللىك مال بازىرىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش، ئۇ دۆلىتىمىز قەرەللىك مال بازىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئۆلچەملىك ئايلىنىشىنىڭ نەتىجىسى. ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئالتۇن قەرەللىك مال بازىرى بىلەن نەق مال بازىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، ماس تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ، دېدى.
·فىرانسىيە ئەنشېڭ گورۇھى ئاسىيادا قانات يايدۇرغان ئەنشېڭ تۇرمۇش ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، كەلگۈسى 10 يىلدا، جۇڭگونىڭ شەخسلەر مالىيە باشقۇرۇش بازىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 30 پىرسەنتلىك سۈرئەتتە ئاشىدىكەن.
·ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2007 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك يازما ئەرز، شىكايەت دىلوسى 173كە يېتىپ، 2006 - يىلىدىكىدىن تۆت ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن.
· 2007 – يىللىق پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە ھەر كۇپ مېتىر پاردىكى گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدنىڭ مىقدارى 0.155 مىللىگىرام بولۇپ، 2006 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 0.005 مىللىگىرام كۆپ بولغان. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۇڭگىرت تۆت ئوكسىدنى گۇڭگىرتسىزلاشتۇرۇش نىسبىتى نۆل بولغان بولۇپ، گۇڭگىرتسىزلاشتۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىنىڭ بۇ يىلقى نۇقتىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش تۈرى بولۇپ قالىدىكەن.
·گىئولوگىيە كان مەھسۇلاتلىرى ئورۇنلىرىنىڭ تۆت يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە، كۆمۈر دېڭىزى دەپ تەرىپلىنىدىغان شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىدا 2007 - يىلى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىق مىقدارى 164 مىليارد توننىغا يېتىپ، 2003 - يىلىدىكىدىن 1.65 ھەسسە كۆپ بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار رايونىدا شىنجاڭنىڭ كۆمۈر - ئېلېكتىر، كۆمۈر - خېمىيە سانائېتى بازىسىنى بەرپا قىلىشنى خام ماتېرىيال ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن.
|