باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
مەبلەغنىڭ فوندقا ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسىدا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
2008- 01- 10 12:03 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    مەبلەغنىڭ فوندقا ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى نيويورك تاۋار بېرژىسىدا ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسىدا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 18.3 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 880.3 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى، ئارىلىقتا ھەر ئۈنسىيە ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى 884 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، تارىختا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ھەر ئۈنسىيە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى 18.4 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 878 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە كۆمۈشنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 52.5 سىنت ئۆرلەپ، بازار 15.815 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى 29.4 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 1 مىڭ 560.5 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ