باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
نيۇ – يورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىت باھاسىدا زور داۋالغۇش بولدى
2008- 01- 10 12:01 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

     مۇشۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى نيويورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىت باھاسىدا زور داۋالغۇش بولدى، خام نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئۈچ ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، بۇ كۈنى خام نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇش دەرىجىسى ئىككى ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر باك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 1.24 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 96.33 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ ھەر باكىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 1.15 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 95.54 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گاللون بىنزىننىڭ قەرەللىك مال باھاسى 4.41 سىنت ئۆرلەپ، بازار 2.4738 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ