باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 01- 09 12:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    .مەركىزى بانكىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇنداق دىدى: دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسىشى، دۆلەت ئىچى پۇل پاخاللىقى ۋە دۆلەت ئىچى سودا ئوڭ بالانىسىنىڭ زور بولۇشى خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان قىسمەن ئامىل.

   ·جۇڭگو سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلدى: بۇ يىل 1 - ئايدا  بازارغا ئاشكارە سېلىنغان پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 تىرلىيون 70 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بازار ئومۇمىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا مەبلەغ بىر قەدەر يېتەرلىك، پۇل بازىرىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاشتىن ئۈمىد بار، مەركىزى بانكىمۇ بازار مەشغۇلاتىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئامانەت زاپاس فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئېھتىماللىقىنى چەتكە  قېقىشقا بولمايدۇ.

   ·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،  ئالدىنقى سودا كۈنىدە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى 7 يۈەن 2 مو 7 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، تۈنۈگۈن يۈز نۇقتىغا يېقىن تۆۋەنلەپ، باھا 7 يۈەن 2 مو 7 پۇڭ 91 لىدا مەلۇم قىلىندى.

   ·سەھىيە مىنىستىرى چېن جۇ مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دىدى: گوۋۇيۈەن تىببىي دورا سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەكچى پىكىرى ۋە يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنى تۈزىۋاتىدۇ. گوۋويۈەن بۇ لايىھەنى تەستىقلىغاندىن كىيىن، قىسمەن رايونلاردا بۇ ئىسلھاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ،  مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇشقا تەجرىبە توپلىنىدۇ.

   ·چىڭداۋ پىۋا گورۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، چىڭداۋ پىۋا گورۇھىنىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يىڭى يىل بايرىمىدىن كىيىن ئۆستۈرۈلگەن.

   ·ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ رايۇن ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بارغانسىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتقان. بۇلتۇر، جياڭسۇلۇق كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى،  مىۋە - چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ۋە ئۆي مۈلۈك كەسپى مەبلەغ سېلىشتىكى مۇھىم تۈر بولۇپ قالغان.

   ·مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش، ماگنېتلىق تەۋرىتىپ ئەۋرىشكە ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە تەكشۈرۈش، داۋالاش ھەققى ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەن.

   ·مۇشۇ ئاينىڭ7 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مەيلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزسۈن ياكى ئەسلىدە بار بولغان خىزمەتچىلەر بىلەن داۋاملىق ئەمگەك توختامى تۈزسۇن، توختام تۈزگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەمگەكچى ئىشلەتكىنىنى رويخەتكە ئالدۇرىشى، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەتچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتمەكچى، ياكى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەن، بىكار قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە رويخەتكە ئالدۇرىشى كېرەك ئىكەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ