باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
كۆپ خىل ئامىللار تەسىرىدىن نيويورك تاۋار بېرژىسىدا قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى
2008- 01- 09 12:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

      ئامېرىكا دوللىرى پىروۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى نيويورك تاۋار بېرژىسىدا قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 3.7 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 862 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ھەر ئۈنسىيە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى 3.5 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 859.6 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 3 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە كۆمۈشنىڭ قەرەللىك باھاسى 17.2 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 15.29 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر ئۈنسىيە ئاق ئالتۇننىڭ قەرەللىك مال باھاسى 16 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 1 مىڭ 531.1 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ