باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
شىنجاڭ گوتوڭ تۇرۇبا پاي چەكلىك شىركىتى تۇنجى پاي چېكىنىڭ دەسلەپكى باھا سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلدى
2008- 01- 09 11:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

      شىنجاڭ گوتوڭ تۇرۇبا پاي چەكلىك شىركىتى 8 – يانۋار تۇنجى پاي چېكىنىڭ دەسلەپكى باھا سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ، 20 مىليون پاي چېكى تارقىتىدىغانلىقىنى، پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىش باھاسىنىڭ 7.69 يۈەن بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

   خۇڭيۈەن ئاكسىيىسى بۇ نۆۋەتلىك پاي چېكى تارقىتىشنى ئاساسلىق ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن توردا باھا سۈرۈشتۈرگۈچىلەرگە نورمىلىق سېتىش باھاسىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈن توردا مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئاممىغا بېكىتىلگەن باھانى ئېلان قىلىدۇ.

   گوتوڭ پاي چەكلىك شىركىتى pccp بىرىكمە ماتېرىيال تۇرۇبا ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، غەيرى تىپلىق تۇرۇبا زاچاسلىرىنى ئېچىش ياساشنى ئاساس قىلىدۇ، 6 يىل تەرەققى قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى غەربىي شىمال، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگودىن ئىبارەت رايونلارنى قاپلاپ، ئومومىي مۈلكى 420 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۆلىتىمىزدىكى 2 - چوڭ pccp بىرىكمە ماتېرىياللىرى ئىشىلەپچىقىرىش سودىگىرى بولۇپ قالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ 2007 - يىللىق سودا كىرىمى 300 مىليون يۈەنگە، ساپ پايدىسى 28 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ