|
تارىم نېفىتلىكى باش شىتابىنىڭ 2007–يىللىق سېتىش سوممىسى 30 مىليارد 888 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006- يىلدىكىدىن 3 مىليارد 807 مىليون يۈەن ئاشتى. بۇ، تارىم نېفىتلىكى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىشىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
2007 – يىلى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ سېتىش بۆلۈمى ماي باھاسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشتەك ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بازارنى يېتەكچى قىلىش، تىجارەت تەڭپۇڭ بولۇشنى ئاساس قىلىپ، بازار ئۇچۇرىنى توغرا ئىگىلەپ، بالدۇر تەييارلىق كۆرۈپ ۋە بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2007- يىلى نېفىتلىكنىڭ خام نېفىت، تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2006- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى سېتىپ چىقىرىش ۋەزىپىسى 47 كۈن، خام نېفىتنى سېتىپ چىقىرىش ۋەزىپىسى 7 كۈن، تەبىئى گازنى سېتىپ چىقىرىش ۋەزىپىسى 4 كۈن بۇرۇن ئورۇنلاندى .
|