|
‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى›› تۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ قانۇنغا بولغان چۈشىنىشى يىتەرلىك بولمىغان. مەلۇم بىر ئىش تونۇشتۇرۇش ئورنى يېقىندا 10 مىڭغا يېقىن شىركەت خادىمىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىختىساسلىقلار بازىرىدىكى % 70 دىن ئارتۇق كىشى بۇ قانۇننى تولۇق چۈشەنمەيدىكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلارنىڭ % 30 ى تېخىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان.
·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى بىر سودا كۈنىدە ئازىراق تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، 7 – يانۋار 7يۈەن 2 مو 7 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 7 يۈەن 2 مو 6 پۇڭ 95 لىلىق باھا بىلەن خەلق پۇلىنى پىروۋوتلاش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى نۇقتا يارىتىلغان.
·مەركىزى بانكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى يېقىندا ئېچىلىۋاتقان 2008 - يىللىق جۇڭگو خەلق بانكىسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەركىزى بانكا 2008 - يىلى قىسىش پۇل سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشىنىڭ زىيادە قىزىپ كېتىش ۋە مال باھاسىنىڭ قۇرۇلما خاراكتىرلىك ئۆسۈشىنىڭ روشەن پۇل پاخاللىقىغا ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: قىسىش پۇل سىياسىتى تەرەققىياتقا پايدىسىز بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
·سودا مىنىستىرلىكى يېقىندا مۇنىلارنى ئاشكارىلىدى:دۆلەت ئىلكىدىكى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ‹‹ قەرزىنى ئازايتىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشى›› يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىلكىدىكى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ 41 مىليارد يۈەن تارىخى قەرزى ھەل قىلنىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق ئوبوروت كارخانىسىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.
·چوڭ تىپتىكى سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە نەنجىڭ ئەيتاۋ سەنئەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىپ، 1 مىڭ 500 پارچىدىن ئارتۇق سەنئەت ئەسىرى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.
·جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە بېنزىن قوشۇلما ھەققىنى ئۆستۈرگەندىن كىيىن، شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە بېنزىن قوشۇلما ھەققىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تۆت چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە بېنزىن قوشۇلما ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بولدى.
·ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز پاختىچىلىق تەرەققىياتىدا كەسپ ئەۋزەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى قارىغۇلارچە كېڭەيتىشىتىن ساقلىنىدىكەن.
·ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچەن بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا، ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇپ، يەنىلا ئەسلىدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋاقىتلىق نىزامى ئىجرا قىلنىدىكەن، ئەسلىدىكى 30 تۈرلۈك ئېتىبار 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدىكەن، ئەسلىدىكى تۆۋەن باج نىسبىتى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقاب كارخانىلار يېڭى باج قانۇنى يولغا قويۇلۇپ بەش يىلغىچە تەدرىجى ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتى بويىچە باج تاپشۇرىدىكەن.
·مۇشۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك باج خىزمىتى ۋە پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك باج سېستىمىسىنىڭ باج كىرىمىدە تارىخىتىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، 18 مىليارد 93 مىليون يۈەن باج يىغىلىپ، 2006 - يىلدىكىدىن %28.57 ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە 19 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك يەرلىك باج سېستىمىسىنىڭ باج كىرىمى ئومۇمىيۈزلۈك كۆپەيگەن.
·يىللىق تاپاۋىتى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەخسى تاپاۋەت بېجىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغىنىغا بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ، يىللىق تاپاۋەتنى ھىساپلاش رەسمىيىتى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلغان پاي سېتىۋالغانلار كۆپ بولمىغان.
·دۆلەت يولى 315 - لىنىيىسىنىڭ 14 - تۈرىنى ئىجرا قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئىككىنچى تاشيول-دۆلەت يولى 315- لىنىيىسىنىڭ يېتىمبۇلاقتىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىدە بۇ يىل 8 - ئايدا قاتناش باشلىنىدىكەن. شۇچاغدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئارىلىقى زور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن .
|