باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 01- 07 11:56 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   .مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى دۆلەت ئاكسىيىنى نازاەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى، ئاكسىيىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىك، كومىتېت بىرلىكتە ‹‹قانۇنسىز ئاكسىيە پائالىيەتلىرىنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتقان بولۇپ، قانۇنسىز ئاكسىيە پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدىكەن.

    ·نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، ئالجىرىيىنىڭ ئېنىرگىيە ۋە كانچىلىق مىنىستىرى ساجىپ خەلىل مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۈنى: نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتى بىرىنچى پەسىلگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، دېدى.

   ·يېقىندا ئېلان قىلىنغان چىڭخۇا  ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ‹‹جۇڭگو يېزا پۇل مۇئامىلىسى تەرەققىياتى تەتقىقاتى››تۈرى بويىچە تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دېھقانلارنىڭ قەرز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يەنىلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرى يېزا پۇل مۇئامىلىسى تەرەققىياتىدىكى جىددى ۋەزىپەبولۇپ، يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپلىرى يەنىلا ئوتتۇرا قىسىم رايون يېزا پۇل مۇئامىلىسىدىكى ئاساسلىق كۈچ ئىكەن.

   ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان 36 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرنىڭ 2007 - يىلى 12 - ئايدىكى مۇھىم تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرى باھاسىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى ئۇنۋېرسال بايانىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلى 12 - ئايدا، ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھاسىدا ھەم ئۆرلەش، ھەم تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، دورا باھاسى مۇقىم بولغان. مەملىكەتتىكى 36 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەردە 46 تۈرلۈك مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىشقا ئاساسلانغاندا، 2007 - يىلى 12 - ئايدا، 24 تۈرلۈك مۇھىم تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۈرىنىڭ باھاسى 2007 - يىلى 11 - ئايدىكىدىن ئۆرلىگەن، باھاسى ئۆرلىگەن ئاساسلىق تاۋارلار: ئاشلىق، سۇ يېغى ۋە سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەر؛ خېمىيىۋى ئوغۇت، پولات ماتېرىياللىرى، سىمونت ۋە كۆمۈر قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بولغان؛ باھاسى تۆۋەنلىگەن يەتتە تۈر ئاساسلىقى: تۇخۇم، قىسمەن كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەر بولغان؛ باھاسى ئۆزگەرمىگەن 15 تۈر ئاساسلىقى مائارىپ خىراجىتى، تېلىفون سۆزلىشىش ھەققى، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، توك ھەققى، تۇرۇبىلىق گاز ۋە ئاممىۋى قاتناش بېلەت باھاسى قاتارلىقلار بولغان.

   ·مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىلغان 2008 - يىللىق مەملىكەتلىك قاتناش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە قاتناش باشلانغان تاشيولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 3 مىليون 573 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن، جۈملىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 53 مىڭ 600 كىلومېتىرغا يەتكەن.

   .2007-يىلى شىنجاڭنىڭ باج كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، دۆلەت بېجى ۋە يەرلىك باج كىرىمى 56 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان. غەيرى نېفىت باج كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى 2007 - يىلى شىنجاڭنىڭ دۆلەت باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، 2007 - يىلى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت باج كىرىمى 37 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 5 مىليارد 600 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، 17.3 پىرسەنت ئاشقان. شىنجاڭ دۆلەت باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئىلگىرىكى ئاساسلىقى نېفىت باج كىرىمى تۈرتكە بولۇشتەك ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈپ، خام ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق ئېنىرگىيە مەنبەسى سانائېتى ۋە رەڭلىك مىتال، قارا مىتال قېزىش كەسپى قاتارلىق غەيرى نېفىت باج كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى --خەلقئارانېفىت باھاسىنىڭ 2007 - يىلى 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە تۆۋەن ئورۇندا تەۋرىنىشى شىنجاڭغا كەلتۈرگەن ئاشۇرۇلما قىممەت بېجى  كىرىمىنىڭ كېمىيىش بوشلۇقىنى تولدۇرغان.

   ·يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد، سودا خىزمىتى يېغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2008 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق شەھەر ئەتراپىدىكى قاقاسلىق، سايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەشخىل باغچىلاشقان سانائەت رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىكەن.

   ·ئۈرۈمچى - دۈشەنبە ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنى كۆتۈرە ئېلىش خاراكتىرىدىن رەسمىي نۆۋەتچى ئايرۇپىلان قاتناشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن، مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن كىيىن، دۈشەنبىگە ئۇچىدىغان ساياھەتچىلەر بېلەت باھاسىدا تېخىمۇ كۆپ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

   ·مۇشۇ ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2007 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا تارىخى خاراكتىرلىك بۆسۈش بارلىققا كېلىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 19.6 پىرسەنتكە يېتىپ، تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ 15 پىرسەنتلىك ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ