باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2008 – يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 19 – يانۋار باشلىنىدۇ
2008- 01- 07 11:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    2008 – يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 19 – يانۋار باشلىنىدۇ . ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋىي خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

    ئىمتىھان مەزگىلىدە، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرگەن ياكى باشقىلار شۇ شەخسنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرگەن، سىمسىز نائۇشنىك قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ۋە تەشكىللىك كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئورۇنلىرى ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ تەۋەلىكىدىن ھەيدىۋېتىدۇ. كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ياكى كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىمتىھان ئورگانلىرى شۇ كىشىنىڭ ئىش ئورنىغا خەۋەر قىلىپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىدۇ. 

   ئىگىلىنىشچە: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلىمىزدىكى ماگىستر ئاسپرانلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 32 ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ھەمدە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانغان.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ