|
·ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىركى 5 يۈەن 5 مولۇق ھېساب ئاغدۇرۇش شەكلىدىكى بانكا ئاتلىغان بىر تۇتاش ئامانەت قويۇش، نەقلەشتۈرۈش كەسپىدىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بۇزۇپ تاشلانغان، قاتناش بانكىسى، سودا سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى بىردەك بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن.
·شيامېن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا سۈت، سۇ يېغىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەندىن كىيىن، يېقىندا بازاردا يەنە پىۋا باھاسىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان. بۇنىڭغا قارىتا، مۇخبىر كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلىق پىۋا شىركەتلىرىنىڭ شيامىندىكى تارمىقى، ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، پىۋا باھاسىنىڭ جەزمەن ئۆرلەيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆرلەش دەرىجىسىنىڭ تۈۋەن بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
·جۇڭگو بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 60 بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ شەخسلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كەسپىنى قانات يايدۇرغانلىقى، ھەر قايسى جۇڭگو ۋە چەتئەل مەبلىغىدىكى سودا بانكىلىرى ساتقان شەخسلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ 1 مىڭ 643 تۈر بويىچە، 2 مىڭ 836 خىلغا يەتكەنلىكىنى، سېتىش مىقدارى 600 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقانلىقىنى، 2007 - يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق سېتىش مىقدارىنىڭ 1 تىرلىيون يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
·لاتارىيە بېلىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، لاتارىيە بېلىتى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىكى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 2 - كۈنى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىنتىرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنتەربىيە لاتارىيىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش ئاپپاراتلىرى ۋە تەنتەربىيە لاتارىيىسىنى سېتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىنتىرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئايرىم تەكشۈرگەن ۋە تەرتىپكە سالغان ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
·ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زىمىن بايلىقى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ يەرلەرنى تىجەش، مەركەزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەر ۋە ئاساسىي دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى قوغدىغان ۋە يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، 2007 - يىلى يېڭىدىن 100 مىڭ مو كۆلەمدە تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتكەن.
·ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىمالدىكى پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلاردا ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى مىقدارلاشتۇرۇپ ھىسابلاش ۋە ئېنىرگىيە تىجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 رايوندا ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئېنىرگىيە تىجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قوللايدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى شەھەر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، 2010 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېنىرگىيە تىجىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى چوقۇم 8 مىليون كىۋادىرات مېتىرغا يېتىشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى مىقدارلاشتۇرۇپ ھىسابلاش ۋە ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئېنىرگىيە تىجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە قوللاش مەبلىغىنى چىقىم قىلىشنىڭ كونكىرت شەكلى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزىشكە باشلىغان.
·بانكا تور نۇقتىلىرىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، سودا سانائەت بانكىسىننىڭ شىنجاڭ شۆبىسى تىجارەت بۆلىمى بۇ يىل ATM ئاپپاراتىدىن 20نى، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئاپپاراتىدىن 30نى كۆپەيتىدىكەن، بۇ بانكا 10 مىڭ يۈەندىن ئاز پۇل ئامانەت قويىدىغانلار، 20 مىڭ يۈەندىن ئاز پۇل ئالىدىغانلارنىڭ ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر ۋە تور بانكىسىدىن پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
·ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2008 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز دەسلەپكى قەدەمدە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن 140 نى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 60 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان نۇقتىلىق تۈر 22 بولۇپ، بۇ قەشقەر - خوتەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە تۇرپان ئايرىدىرومى، كۇچا ئايرىدىرومى يېڭى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|