|
يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى ، تۇنجى تۈركۈمدە يېزىلاردىكى 5 مىڭ 847 ئائىلىسىدىكى نامرات تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چاغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىر قېتىمدىلا بىر مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ.
بۇ قېتىم ئائىلىسى نامرات تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى — دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم سىياسىتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ھەر قايسى مائارىپ باسقۇچلىرىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان دۆلەت ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەم شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
|