باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2007– يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 185 مىليارد يۈەنگە يەتتى
2008- 01- 04 11:44 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: 2007- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 185 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2006- يىلدىكىدىن % 18 ئاشقان. 2002- يىلدىن 2007- يىلغىچە، مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 693 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن % 18 تىن ئېشىپ بارغان؛ جۈملىدىن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نۇقتىلىق تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 203 مىليارد يۈەنگە، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈر 16 مىڭغا يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى % 60 تىن ئاشقان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن ئاساستا، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، تۈر ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ 49 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ۋە دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 34 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك قوللىدى. بەش يىل ئىچىدە، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىراجىتىگە ئاجىرىتىلغان مەبلەغ  600 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ،  يېڭىدىن ئىش باشلىغان 111 نۇقتىلىق چوڭ تۈرگە سېلىنغان مەبلەغ 350 مىليارد يۈەنگە يەتتى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ