|
·يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىمپورت ـ ئېكىسپورت سودا سوممىسى 2 مىليارد 297 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، 2006 - يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %65.4 ئاشتى. ئىككى دۆلەت چېگرىسىدىكى تورغات، ئەركەشتام چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ پۇتۇن يىللىق مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 700 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى.
ئىككى تەرەپ جوڭگو ـ قىرغىزىستان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر، ئەتىراپلىق مۇزاكىرىلىشىپ، ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلدى.
·يېقىندا، قەشقەر چېگرا پرىيوم ـ كارانتىن ئىدارىسى پوسكام ( لەنشىن ) ياغ پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇدى تەكشۈرۈشكە يوللىغان1–تۈركۈمدىكى چىگىت يېغىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن 10 تۈر بويىچە ئۆلچەمگە يىتىدىغانلىقىنى بىكىتتى. بۇلتۇر بۇ كارخانا قىرغىزىستانلىق سودىگەرلەر بىلەن 128 توننا سۇ يېغىنى ئېكىسپورت قىلىش سودا توختامى ئىمزالىغان بولۇپ ، ھازىر 55 توننا سۇ يېغىنى تەكشۈرۈشكە يوللاپ ئېكىسپورت قىلدى.
ئىلگىرى بۇ كارخانىنىڭ كۆلىمى كىچىپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدىكى قالاق تېخنىكا بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ سۇ يېغىغا بولغان سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايتتى. بۇلتۇردىن بۇيان، قەشقەر چېگرا پرىيون ـ كارانتىن ئىدارىسى مۇلازىمەت نۇقتىسىنى ‹‹ ئالدىنقى سەپ››كە يۆتكەپ، بۇ كارخانىغا خام ماتېرىيال تاللاشتىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىقىچە بولغان ئىش ھالقىلىرىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن بۇ كارخانا ئىشلەپچىقارغان چىگىت يېغىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىك مەسىلىسى ئۈزۈل ـ كېسىل ھەل قىلىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتى خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتتى.
·ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاقسۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىمپورت ـ ئېكىسپورت شىركىتى پاكىسىستاندىن سېتىۋالغان 50 توننا چېگىت تىۋىتى ئېلىمىزغا كىرگۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشچە، ئېلىمىز بازارلىرىدا چېگىت تىۋىتىگە بولغان ئېھتىياج يۇقۇرى بولغانلىقتىن، باھاسى داۋالىق ئۆسۈۋېتىپتۇ. پاكىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان چېگىت تىۋىتىنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئاقسۇ بوز يەر ئۆلەشتۈرۈش ئىمپورت ـ ئېكىسپورت شىركىتى بۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە 1000 توننا چىگىت تىۋىتى ئىمپورت قىلىش كىلىشىمى ئىمزالىغان.
·قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يېقىندا مۇنداق دىدى: قازاقىستان يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بۇغداي ئېكىسپورتىنى كېڭەيتىپ ئېكىسپورت مىقتارىنى 12 مىليون توننىدىن ئاشۇرىدۇ. قازاقىستان بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى بۇغداي ئېكىسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2 ـ نۆۋەتلىك قازاقىستان ئاشلىق مۇنبىرى يىغىنىدا بۇ دۆلەت مىسىر، روسىيە ۋە ئوكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن1 مىليون توننا ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىش توختامى ئىمزالىغان. بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 70 تىن ئارتۇق شىركەت قاتناشقان. بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ۋەكىللىرى، قازاقىستاننىڭ ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان سودىگەرلىرى، ئاشلىق پىشىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، بانكا ۋە سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
·تاجىكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاچقان بىر قېتىملىق يىغىنىدا 2008 ـ يىللىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانى ۋە 2009 ـ 2010 ـ يىللىق ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانىنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا 2008 ـ يىلى تاجىكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 14 مىليارد 800 مىليون سومنىغا يەتكۈزۈش، 2009 ـ يىلى 17 مىليارد 420 مىليون سومنىغا 2010 ـ يىلى 20 مىليارد 500 مىليون سومنىغا يەتكۈزۈش، يەنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى %7 كە يەتكۈزۈشنى بىكىتتى.
زۇڭتۇڭ ئېمومەلى راخمانوۋ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: تاجىكىستانىڭ 2007 ـ يىلى ئالدىنقى 8 ئېيىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد 280 مىليون سومنىغا يېتىپ، 2006 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.6 ئاشقان. ئېمومەلى راخمانوۋ دوكلاتىدا: ئېلېكتر ، يىنىك سانائەت ۋە يېمەكلىك سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پاختا، مېۋە ـ چېۋە ۋە كۆكتات پىشىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، چارۋىلارنىڭ يەم ـ خەشەك مىقدارىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن.
ئۇ يەنە : 2008 ـ يىلى دۆلەتنىڭ خام چوت ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 475 مىليون سومنى بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.2 نى ئىگىلەپ، 2007 ـ يىلىدىكىگە قارىغاندا 1 مىليارد 281 مىليون سومنى ئېشىپ، ئېشىش دەرىجىسى %63 بولىدۇ. 2008 ـ يىلى ئىجتىمائىي ساھەگە ئىشلىتىلىدىغان خام چوت مەبلىغى 1 مىليارد 593 سومنى ئاشىدۇ، يەنى ئېشىش دەرىجىسى %45 بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 691 مىليون 248 مىڭ سومنى سەھىيە ئىشلىرىغا، 469 مىليون 829 مىڭ سومنى ئاھاللىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. 2008 ـ يىلى سەھىيە ۋە مائارىپ تارماقلىرىغا ئاجرىتىلغان پۇل 2007 ـ يىلىدىكىگە قرارىغاندا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %47 ۋە %44 ئاشقانلىقىنى ئېيتقان .
·قىرغىزىستان يېزا ئىگىلىك، سۇ ئىشلىرى ۋە پىشىقلاپ ئىشلەش سانائىتى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يېقىندا قىرغىزىستاندا ھەر باغلام قۇرۇق ئوت ـ چۆپنىڭ باھاسى 50 ـ 60 سومغا يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە ئۆستى- دېدى. بۇ دۆلەتتە قۇرۇق ئوت ـ چۆپ باھاسىنىڭ ئۆسىشى گۆش باھاسىنىڭ 1.5 ـ 2 ھەسسە ئۆسكەنلىكىدىن بولغان. گۆش باھاسىنىڭ ئۆسىشى بولسا قىرغىزىستاندىكى چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنغانلىقىدىن بولغان. قىرغىزىستان ئادەتتە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو ۋە ئېراندىن ئمپورت قىلىدۇ.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، قۇرۇق ئوت ـ چۆپ باھاسىنىڭ ئېشىشى يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىزىستاندا ئوت ـ چۆپ تېرىلىدىغان يەرلەر شۇنداقلا تېرىلغۇ ۋە باشقا دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئازىيىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
·يېقىندا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئېچىلغان ياۋرۇپا - ئاسىيا ئېنېرگىيە يىغىنىدا قازاقىستان زۇڭلىسى قازاقىستانىڭ خەلقئارا نېفىت ـ تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ئورنى كۈنسايىن ئاشماقتا ، دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: قازاقىستان خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى ساھەسىدىكى ئىشەنچىلىك ھەم مەسۇلىيەتچان دۆلەت، ھازىر بىزنىڭ خەلقئارا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى رولىمىز ئۆزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە نېفىتنىڭ قېزىلىش مىقدارى ئۈچتىن بىر ھەسسە ئاشتى، قازاقىستاندا بولسا 1.5 ھەسسە ئاشتى. قازاقىستان يېڭىدىن مۇستەقىل بولغاندا نېفىتنىڭ قېزىلىش مىقدارى 26 مىليون توننا ئىدى، ھازىر 67 مىليون توننىغا يەتتى، 2015 ـ يىلىدىن ئىلگىرى 140 مىليون توننىغا يېتىشى مۆلاچەرلەنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، 1993 ـ يىلىدىن بۇيان قازاقىستان جەمئىي 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك بىۋاستە مەبلەغ چەلىپ قىلدى، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى نېفىت، تەبىئەي گاز ساھەسى ئىگىلىدى. قازاقىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگو، ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر سالغان مەبلەغ قازاقىستان جەلىپ قىلغان مەبلەغنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
|