باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
يېپىشقاق باكتىرىيە فاكتورى، لى فۇپىڭ، گىلىكۇزا قاتارلىق دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى ئېلان قىلىندى
2008- 01- 03 12:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېپىشقاق باكتىرىيە فاكتورى، لى فۇپىڭ، گىلىكۇزا قاتارلىق دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئېلان قىلدى، بۇ باھا بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى تىببىي دورا ياساش ئۆلچىمىگە يەتكەن دورىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئوخشاش تۈردىكى دورىلار ئىچىدىكى باشقا ئۆلچەمدىكىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئاساسلىق باھا باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ‹‹دورىلارنىڭ سېلىشتۇرما باھا پىرىنسىپى ›› ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېكىتىپ، 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ