|
2007- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق كان مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىدا يېڭىدىن بايقىغان ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى نىتراتىن كېنى دەپ باھالانغان 5 نىتراتىن كېنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق مىقدارى 70 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتكەن، بۇنىڭغا 2006- يىلى پىچان ناھىيىسىدىكى قۇمتاغ نىتراتىن كېنىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان 184 مىليون توننا بايلىق مىقدارىنى قوشقاندا، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقىي شىنجاڭ رايونىدىكى نىتراتىن كان بايلىقى مىقدارى 250 مىليون توننىغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىتراتىن ئىشلەپچىقىرىش رايونى چىلىنىڭ بايلىق مىقدارى بىلەن تەڭلەشكەن.
2007- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق كان مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ 1-گېئولوگىيىلىك چوڭ ئەترىتى ئايرىم ھالدا قۇمۇل شەھىرىدىكى چوڭ يىكەنكۆل، شىمالىي تاغ ئەتىراپلىرىدا نىتراتىن كېنى ۋە پىچان ناھىيىسىدىكى شياۋساۋخۇ، قىزىليۇلتۇز چۆللىكى ئەتىراپلىرىدا نىتراتىن كان بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىدا دەسلەپكى قەدەمدە غەربىي چۆللۈك، جەنۇبىي لياۋدۈن، شىمالىي تاغ، قىزىليۇلتۇز چۆللىكى ۋە شياۋساۋخۇ قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى نىتراتىن كانلىرىنى باھالاپ چىقتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ ئەترەت 2006- يىلى پىچان ناھىيىسىدىكى قۇمتاغ نىتراتىن كېنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 184مىليون توننا نىتراتىن بايلىق مىقدارىنى تەكشۈرۈپ ئېنىلىغان ئىدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىتراتىن كېنى توپلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
|