باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاشىلى مىس كېنىنىڭ سېتىش كىرىمى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن
2008- 01- 03 12:18 تەڭرىتاغ تورى

   يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئاشىلى مىس كېنىدىن خوش - خەۋەر تارقالدى: بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، 2007- يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان مىس مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 28 مىڭ 400 توننىغا، سىنىك مەھسۇلات مىقدارى 9 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، سېتىش كىرىمى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

   ئاشىلى مىس كېنى تۈرىدە 2002- يىلى 4- ئايدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، شۇ يىل 8- ئايدىلا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى›› قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. 2004- يىلى 9- ئايدا مىس كېنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، 2005- يىلى ئىشلەپچىقارغان مىس مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننىغا، سىنىك مەھسۇلات مىقدارى 500 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەنگە، تاپشۇرغان تۈرلۈك باج سوممىسى 70 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مىس كېنىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان ئىدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ