باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 01- 02 12:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    .دۆلەت تاشقى پىروۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگونىڭ تاشقى قەرز سوممىسى 345 مىليارد 705 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغايېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 22 مىليارد 717 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپ بولۇپ، 7.03 پىرسەنت ئاشقان.

    .قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى يېقىندا: 2004 - يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹خوجىلىق باشقۇرغۇچى كارخانىلار سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››گە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشنى، ھەمدە قايتىدىن ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.

   ·شاڭخەي قەرەللىك مال سودا بېرژىسى يېقىندا: 2008 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئالتۇن قەرەللىك مال پۈتۈمىگە ۋېۋىسكا ئاسىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىملىق سودا بىرلىكىنىڭ مىڭ گىرام بولىدىغانلىقىنى، تەبئىي شەخس خېرىدارلارنىڭ نەق بويۇم ھىساب كىتابى قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ·مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا  2007 - يىللىق  ئىجارىسى ئەرزان ئولتۇراق ئۆيلەرگە كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىدىن3 مىليارد 500 مىليون يۈەن چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇمەبلەغ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىجارىسى ئەرزان ئۆيلەرگە كاپالەتلىك قىلىشتا شەھەرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ئىجارە ياردەم پۇلى بېرىش ئۈچۈن  مەخسۇس ئىشلىتىلىدىكەن.

   ·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا: 2007 - يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدىنىڭ 2 تىرلىيون 295 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 36.7 پىرسەنت كۆپ بولغانلىقىنى، پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئېتىنىڭ 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئېشىش سۈرئېتىدىن 0.3 پوئىنت ئاستا بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ·مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1991 - يىلى بارلىققا كەلگەن يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئالتۇن باشاق كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 312 مىليونغا يېتىپ، ئوخشاش كەسپلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالتۇن باشاق كارتىسى سودا سوممىسى، كارتا تارقاتقان تەرەپنىڭ بانكا ئاتلىغان سودا سوممىسى، بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال چىقىمى قىلىش سوممىسى، بانكا كارتىسىدىكى قالدۇق سومما، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بىر تەرەپ قىلغان بانكا ئاتلىغان سودا مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردە 2004 - يىلىدىن بۇيان ئوخشاش كەسپتىكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيىدە تۇرغان.

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ