|
مەركەزنىڭ ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت دەرسلىكلىرىنىڭ ئوقۇش كىتابلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يىغىن ئېچىپ، 2008- يىلى باھار پەسلىدىن باشلاپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان كىتاب پۇلىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرغان 2007– يىللىق كۈز پەسىللىك كىتاب پۇلىنى قايتۇرىۋېتىشنى جاكارلىدى.
نۆۋەتتە، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس تۈر مەبلىغى 15 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرغان كىتاب پۇلىنى قايتۇرىۋېتىشكە ئىشلىتىلىدىكەن. دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 35 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 70 يۈەندىن قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن .
|