باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا، چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ۋە تاشقى ئىقتىسادى تېخنىكا ھەمكارلىقى جەھەتلەردە ئومومىيۈزلۈك تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى.
2008- 01- 02 12:04 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

  2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودا، چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ۋە تاشقى ئىقتىسادى تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئومومىيۈزلۈك تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى. 2007– يىلى 11– ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يىللىق ئېمپورت - ئېكىسپورت ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، ئېمپورت - ئېكىسپورت سودا سوممىسىدا تارىخىي خارەكتېرلىك بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى.

   ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىسكا مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2007- يىلى 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان ئېمپورت - ئېكىسپورت سودا ئومومىي قىممىتى 12 مىليارد 310 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2006- يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن % 50.1 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن 26.5 پوئېنت يۇقىرى بولغان. جۈملىدىن، ئېكىسپورت 10 مىليارد 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ئېمپورت 2 مىليارد 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى يەتكەن. يېڭى تەستىقلانغان چەتئەل مەبلىغى تۈرى 84 كە، يېڭىدىن تۈزۈلگەن چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش تۈرى 23 كە، يېڭىدىن تۈزۈلگەن چەتئەل قۇرۇلۇش توختامى 109 غا يەتكەن؛ 2007- يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چەتئەللەردىكى تۈرلۈك ئەمگەك مۇلازىمەت خادىملىرى بىر مىڭ 451 دىن ئاشقان.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ