باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2007- 12- 29 12:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    .مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا  2007 - يىللىق  ئىجارىسى ئەرزان ئولتۇراق ئۆيلەرگە كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىدىن3 مىليارد 500 مىليون يۈەن چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇمەبلەغ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىجارىسى ئەرزان ئۆيلەرگە كاپالەتلىك قىلىشتا شەھەرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ئىجارە ياردەم پۇلى بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىكەن.

    ·ئالدىنقى سودا كۈنىدە 7 يۈەن 3 مو 1 پۇڭلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كىيىن، 2007 - يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سودا كۈنىدە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى كىچىك دەرىجىدە ئۆرلەپ، 7 يۈەن 3 مو 46 لىلىق باھا بىلەن خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتى شەكىللىنىش مىخانىزىمى ئىسلاھاتىدىن بۇيانقى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

    ·جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش، ئېتىراپ قىلىش مەركىزى بىلەن جۇڭگو ياغاچ ماتېرىياللىرى ئوبوروت جەمئىيىتىنىڭ ياغاچ ئىشىك كەسپى كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى جېجياڭ مېڭتيەن ياغاچچىلىق چەكلىك شىركىتى، گۇاڭدۇڭ رۈنچېڭ چۇاڭجەن ياغاچچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 23 ياغاچ ئىشىك كارخانىسىغا جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئېتىراپنامىسى تارقىتىپ بەردى.

    ·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى: بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدىنىڭ 2 تىرلىيون 295 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 36.7 پىرسەنت كۆپ بولغانلىقىنى، پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئېتىنىڭ 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئېشىش سۈرئېتىدىن 0.3 پوئىنت ئاستا بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

    ·مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1991 - يىلى بارلىققا كەلگەن يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئالتۇن باشاق كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 312 مىليونغا يېتىپ، ئوخشاش كەسپلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالتۇن باشاق كارتىسى سودا سوممىسى، كارتا تارقاتقان تەرەپنىڭ بانكا ئاتلىغان سودا سوممىسى، بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال چىقىمى قىلىش سوممىسى، بانكا كارتىسىدىكى قالدۇق سومما، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بىر تەرەپ قىلغان بانكا ئاتلىغان سودا مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردە 2004 - يىلىدىن بۇيان ئوخشاش كەسپتىكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيىدە تۇرغان.

    ·دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادى مۆلچەر بۆلۈمى مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى تەمىنلىگەن مۆلچەر دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، 2008 - يىلى خەلقئارا ماي باھاسى يەنىلا يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ ھال دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى ۋە ئىستېمال چىقىمىنى ئاشۇرۇپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

    ·دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يىل ئاخىرىدىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەت دوكلاتىدا ئانالىز قىلىپ مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ زىيادە تېز بولۇشى رايونلار ۋە ئاھالىلار ئارا باي - نامراتلىق پەرقىنى چوڭايتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ زىيادە تېز بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئايلىنىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ، ئاھالىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىرلاپ، باشقا جەھەتلەردىكى چىقىمىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

    ·جۇڭگو ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى جياڭ ياڭ يېقىندامۇنداق دىدى: بۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەرەللىك مال بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تېزلىتىلىدۇ. قەرەللىك مال بازىرىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە مۇلازىملىق قىلىش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

    ·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ياۋ جىڭيۈەن مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى چاڭئەن مۇنبىرىدە: سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى 11 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيىگە يەتتى، ئەمما ئىقتىسادنىڭ بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدىن زىيادە قىزىپ كېتىشكە ئۆزگۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئېتى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاستىلىشى مۇمكىن. بۇ يىل پۈتۈن يىلدىكى ئاھالىلار ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن 4.7 پىرسەنت ئۆرلەپ، ئالدىنقى 11 ئايدىكىدىن 4.6 پىرسەنت يۇقىرى بولىشى مۇمكىن، دېدى.

    ·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ياۋ جىڭيۈەن مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ 2007 - يىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئېتى 11.5 پىرسەنت بولۇشى، 2008 - يىلى 11 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ يىللىق ئاھالىلار ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى تەخمىنەن 4.7 پىرسەنت بولۇپ، ئالدىنقى 11 ئايدىكىدىن 4.6 پىرسەنت يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كېلەر يىلى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇ يىلقىدىن تۆۋەن بولىدۇ.

    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشتە 12 نى 100 پىرسەنت بويىچە  مىقدارلاشتۇرۇش نىشانى ئومۇمىيۈزلۈك تاماملاندى، نۆۋەتتە بارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى سۈپەتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

    ·مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپى بۇ يىل ئەمەلگە ئاشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 10 مىليارد 28 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان چوڭ ئۆلكىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

    ·كېلەر يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭنىڭ يېزىلىرى ۋەناھىيە بازارلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار 2007 - يىللىق كىيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمىدە تاپشۇرغان ئوقۇتۇش ماتېرىيال پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. 2008 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يەنە مەجبۇرىيەر مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردىمى ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    ·مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى باشقۇرۇىشىدىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ 90 پىرسەنت بېلىتى، بىۋاستە بارىدىغان پويىزلارنىڭ 70 پىرسەنت بېلىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قالدۇرىلىدىكەن.

    ·نۆۋەتتە، سانائەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2002 - يىلىدىكى 33.4 پىرسەنتتىن 52 پىرسەنتكە يەتكەن، سانائەتنىڭ پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچىلىك رولى كۈنسىرى گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، سودا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 2002 - يىلىدىكى 47 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 140مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 15 پىرسەنت ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى 13.7 پىرسەنت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بولۇپمۇ يەرلىك سانائەت يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولۇپ، يەرلىك سانائەتنىڭ 2007 - يىلىدىكى ئاشۇرۇلما قىممىتى 32 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2002 - يىلىدىكىدىن 17 مىليارد 900 مىليون يۈەن كۆپ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 25 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

    ·مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2008 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بارلىق نوپۇسنى قاپلايدىكەن. نۆۋەتتە،ئاپتونوم رايونىمىزدا 82 ناھىيە، شەھەر، رايون يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ تۈزۈم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 9 مىليون 740 مىڭ نوپۇسنى قاپلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ 94 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. 2008 - يىلى،  دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يېڭىچەھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 89 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى 9 مىليون 910 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى قاپلايدىكەن.

     .2007 – يىلى ئاپتونوم رايون تاشقى سودا، چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ۋە تاشقى ئىقتىساد- تېخنىكا ھەمكارلىقىدا ئومۇمىيۈزلۈك، تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن يىللىق ئىمپورت - ئېكىسپورت نىشانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، ئىمپورت - ئېكىسپورت سوممىسىدا تارىخى خاراكتىرلىك بۆسۈش بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2007 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 310 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن 50.1 پىرسەنت ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ 26.5 پوئىنتلىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان. جۈملىدىن ئېكىسپورت 10 مىليارد 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ئىمپورت 2 مىليارد 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.            ماقالە ئىشلىگۈچى: ئەخمەتجان    كۆرگۈچى: ھۈسەن  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ