باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەر
2007- 12- 28 12:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

    ·ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شۈدۇڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى: 2008 - يىلى تېلىگىراف كارخانىلىرىنىڭ بارلىق تىجارەت كەسپ لايىھىسىنى  ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تىزلىتىلىپ، بازار رىقابەت قۇرۇلمىسى ئەلاشتۇرىلىدۇ، دېدى.  ئۇ يەنە: 2008 - يىلى ‹‹يېڭى بىر ئەۋلات كەڭ بەلباغ سىمسىز كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ›› مۇھىم مەخسۇس تۈرى ياخشى تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلىدۇ، دېدى.

    ·خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسىئالدىنقى سودا كۈنىدە قىسقىلا تەڭشەلگەندىن كىيىن، مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، 7 يۈەن 3 مو 1 پۇڭلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 7 يۈەن 3 مو 79 لىلىق باھا بىلەن خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمى ئىسلاھاتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، يەككە كۈندە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 219 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى.

   ·جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى: ھازىرغا قەدەر، مۇدەن ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ 23 مىليون پارچىغا يەتكەنلىكىنى، بۇ يىللىق ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال چىقىمى قىلىش سوممىسىنىڭ 160 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۆلەت ئىچى ئىناۋەتلىك كارتىسى بازىرىدا داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ·ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىق مەنبەسىنى ئىستىراتىگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مەبلەغ سېلىش تېز سۈرئەتتە ئاشقان. بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر قېزىش ۋە تاللاش، يۇيۇش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد 689 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 33.4 پىرسەنت ئاشقان؛ رەڭلىك مىتال ۋە مىتاللوئىد كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قېزىش، تاللاش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 665 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 95.8 پىرسەنت ئاشقان؛ رەڭسىز مىتال تاۋلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، رەڭلىك مىتال تاۋلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، غەيرى تېخنىكىلىق مىنىرال مەھسۇلاتلار كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم ھالدا 67.3 پىرسەنت، 22.3 پىرسەنت ۋە 109 پىرسەنت ئاشقان.

   ·مۇخبىرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2008 - يىلى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن دەل ۋاقتىدا بەھرىمەن بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى بانكىلارنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك نورمال خىزمەت كۈنىنى ئويلىشىپ، بۇ ئىدارە شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى تاپشۇرۇش ئىشى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشماقچى بولغان ئاھالىلارنى مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن ئىلگىرى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆرسىتىلگەن بانكىغا تولۇق سوممىسى بويىچە تاپشۇرۇشقا ئەسكەرتتى.

   .شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ پېيى مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى شېنجىن پاي چېكى بازىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىندى، ھەر بىر پاينىڭ تارقىتىلىش باھاسى 36 يۈەن، بازارغا سېلىنىپ ئوبوروت قىلىنىدىغان پاي 40 مىليون بولدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ