|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىگىلىشىچە، جۇڭگو نېفىت خېمىيە سانائېتى گورۇھى كېلەر يىلى داۋاملىق 500 مىڭ توننا سالياركا ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ، جۇڭگو نېفىتچىلىك گورۇھىمۇ كېلەر ئايدا داۋاملىق تەخمىنەن 300 مىڭ توننا سالياركا ئىمپورت قىلىشىتا ئۈمىد بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىقان . بۇنىڭدىن دۆلەت ئىچى بازاردا تەييار ماي بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئاز بولغاندىمۇ نورمىدىن تاشقىرى 800 مىڭ توننىلىق تولۇقلاشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن. كەسپى خادىملار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان مەزگىلىدە تەييار ماي بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ. كەسپىي خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو نېفىتچىلىك گورۇھى كېلەر يىلى 1 - ئايدا 300 مىڭ توننا سەلەركە ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىغان .
|