باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
26 – دېكابىر خەلقئارا بازاردا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى
2007- 12- 28 11:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   نېفىت سودىگەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا خاراكتىرلىك خام نېفىت زاپىسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 26 - كۈنى خەلقئارا بازاردا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا كېلەر يىلى 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر باك يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 1.84 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 95.97 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا كېلەر يىلى 2 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر باك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 1.24 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 93.94 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ