|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامرات بالىلارنى تەربىيلەش بويىچە قىشلىق لاگىر يېتەكچىلىرىنى تەربىيلەش سىنىپى››نىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 27 – دېاكبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار تەرەققىيات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئېگىلىنىشىچە، كۇرسانتلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 16 ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيىلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ يىللىق قىشلىق لاگىر تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىنىدىكەن.
|