|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك جىڭتوڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بىرلىشىپ پىلانلاپ يولغا قويغان ‹‹جۇڭگو- قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتىۋېلىش بويىچە يېڭى بېيجىڭنى ساياھەت قىلىش›› پائالىيىتى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تەكلىپ بىلەن قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۆسمۈر- بالىلار ۋەكىللىرى بېيجىڭ جىڭتوڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە سەدىچىن سېپىلىگە چىقتى، تىئەنئەنمىننى كۆردى، قۇش ئۇۋىسى قاتارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈش مەيدانلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەمدە بىرلىشىپ2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇد بەلگىسى قۇد بالىنىڭ لاي ھەيكىلىنى ياسىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك جىڭتوڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بىشكەك شەھەرلىك 28- باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن دوستلۇق مەكتىپى بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئېلىمىزنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق 1- باش ئەلچىسى پەن جەنلىن، قىرغىزىستاننىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ ئەمەلدارى ئەزمەت ھوشىروف قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى خەۋەر قىلدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتى بېكىتكەن‹‹ئولىمپىك تۇتاش قەلىبلەر››باشلانغۇچ مەكتىپى__ بېيجىڭ شەھەرلىك جىڭتوڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بۇ يىل 10- ئايدا ئىستانسىسمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ قىرغىزىستانغا ئاڭلىتىدىغان‹‹جۇڭگو ئاۋازى›› پروگراممىسى ئارقىلىق، قىرغىزىستاندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلار بەس- بەستە تېلېفون بېرىپ ۋە ئېلېكترونلۇق يوللانما يوللاپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ۋاستىچى بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىسىدا، بۇ قېىتىملىق پائالىيەت ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان.
|