|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
مۇخبىرنىڭ 27 – دېكابىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىش تېلېۋىزىيە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەمدە ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 5 مىڭ 847 ئوقۇغۇچى مەركەز مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
مەركەز مالىيىسى بۇ يىل 300 مىليون يۈەنلىك مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايون يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەمدە ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر يىلدا مىڭ يۈەندىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ھەمدە ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 5 مىڭ 847 ئوقۇغۇچى مەركەز مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن. بۇ-- ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %3.72ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مالىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شىڭ گوچۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ پۇللار چاغاندىن ئىلگىرى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمىدە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، بۇ پۇلنى قولىغا ئالالايدۇ›› .
|