|
12-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 2008- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان، 2008- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛ مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياكى مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىلىرىدا 1-، 2-، دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 2008- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئىلگىرى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا ئالدىنقى ئۈچۈنچىلىككە، ئاسىيا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا ئالدىنقى 6- لىككە، دۇنيا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى 8- لىككە ۋە باشقا تۈرلەردە خەلقئارا دەرىجىلىك تەنتەربىيە ماھىرى شەرىپىگە ئېرىشكەن تەنتەربىيە كەسپىدىن چېكىنگەن تەنھەركەتچىلەر شۇنداقلا قەھرىمانلارچە ۋاپات بولغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى كاپالەت بىلەن ئەۋەتىش سالايىھىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپلا قالماي، يەنە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ۋە ئوقۇش تارىخىمۇ بىكار قىلىنىدۇ. شۇ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپكە قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، كاپالەت بىلەن ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ھوقۇقى بىر يىلدىن 3 يىلغىچە توختۇتۇپ قويۇلىدۇ.
|