باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2007 - يىللىق قىش پەسىللىك ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى باشلاندى
2007- 12- 13 12:34 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

 (تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

     مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈزلۈكسىز مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىشخانىسىدىن ئېگىلىشىچە، 2007 - يىللىق قىش پەسىللىك ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى  بېكىتىش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى باشلانغان بولۇپ ، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى سىناشقا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 29 - كۈنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

    بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردىكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، سالاھىيەتنى بېكىتىش تۈرلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بالىلار باغچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالىي مەكتەپ تولۇق كۈرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار پىداگوكىكا تېخنىكوم ياكى ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزلۈكسىز مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىشىخانىسىغا بىۋاستە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ