|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى يېڭى باسقۇچقا، يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7– نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. بۇ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. يىغىندا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى›› ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹11 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى››نىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى تەلەپ، يېڭى نىشان ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد بىلەن جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يېڭى سەھىپىسىنى يېزىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
2007–يىلى پارتىيىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم يىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم يىل. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆججەت، ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيىدىكى يولداشلار، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا بولغان تەسىر جەھەتتە مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئامما بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.
2007–يىلى ‹‹11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان›› يولغا قويۇلغان ئاچقۇچلۇق يىل. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تەكشى، مۇقىم، تېز ئومۇميۈزلۈك، ماس ئىلگىرىلەشتەك ياخشى يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سىجىل ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ سىجىل ئاشتى، مالىيە كىرىمى زور دەرىجىدە كۆپەيدى، تاشقى سودا ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىمى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، رادىئو – تېلېۋىزىيە، ئاخبارات – نەشرىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭى تارىخىي چىقىش پەللىسىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى پۇرسىتىنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر بىلەن چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ‹‹11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان››نىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانى، يېڭى ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ بېكىتكەن مۇھىم ئىستراتېگىيىسى، ھەم پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىلمىي پىلانلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، چوقۇم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پۇرسەت كۆز ئالدىمىزدا. بىز تەرەققىياتنى تېزلىتىشتەك دەۋر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!
|