باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك
2007- 12- 12 10:49 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى گاۋ شۆمىن

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جەمئىيەتنىڭ تىنچ  ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى، خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەۋقەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشقا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى نېگىزىدىن ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى شەرھلەنگەن.

   ئېلىمىز ھازىر ئىگىلىك تىپىنى ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچكە ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە تولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گەۋدىلىك ھەم مۇرەككەپ زىددىيەتلەرمۇ مەۋجۇت.

   ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارزۇ – تەلەپلەرنى راۋان، ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش يولى ۋە مۇكەممەل پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىشتىراك قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جەمئىيەتنىڭ ئاپتونومىيە ۋە ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، تەربىيە بېرىش، كېڭىشىش، راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنى مەنپەئەت تەلىپىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، قانۇنلۇق شەكىللەر ئارقىلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنى باشتىن ئازايتىپ، ۋەقەلەرگە سەۋەبچى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا توغرا ئىگىلەپ، زىددىيەت  ماجىرالارنى بىر تۇتاش ھەل قىلىپ، ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق. 

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ  ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەب دائىملىق خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ‹‹ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش›› نىشانىغا يېتىش جەمئىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش  كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ دائىرىسىنى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىپ، قانۇن، ئىقتىساد، مەمۇرىيەت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ،  ئىجتىمائىي بايلىقلارنى قوزغىتىپ ۋە ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلىنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى  يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپلىق ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش تورى بەرپا قىلىش؛ پۈتكۈل جەمئىيەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، خەلق ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدىغان خىزمەت ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ