باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى قارارلىق كەسپىي مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
2007- 12- 05 12:33 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى قارارلىق كەسپىي مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا 4 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئوقۇش باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:‹‹ كەسپىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك›› .

   نۇر بەكرى مۇنداق دېدى:‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كەسپىي مەكتەپلەر 4 كەسپىي ئوقۇتۇش باغچا رايونىنىڭ سۇپىسىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىرادىلىك ياشلارنى كەسپىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشقا جەلپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلىنىشنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك›› .

    ئىگىلىنىشىچە: 2006- يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركەز مالىيىسى، ئالاقىدار مىنىستىرلىك، كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايون مالىيىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپىغا سالغان سېلىنمىسى 549  مىليون يۈەنگە يەتكەن. ‹‹11- بەش يىللىق›› پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نوقتىلىق ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىن 73 نى قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى كەسپىي تايانچ ئوقۇتقۇچىلاردىن 6 مىڭ 542 نى تەربىيىلەيدىكەن.

   ئاپتونوم رايون شۇنداقلا بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، ئالبۇسباي رەخىم يىغىنغا قاتناشتى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ