باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
2007- 12- 05 11:04 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى لى دەن

   خەلق تۇرمۇشى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى پۇقرالارنىڭ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭ  قاندۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى پۈتكۈل خەلقنى بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە، ئەمگەك تاپاۋىتىگە ئىگە بولۇش، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تۇرالغۇسى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، دەپ ئىخچاملاشقا بولىدۇ.

   پارتىيىمىز ئىزچىل تۈردە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ۋە دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ‹‹ئۈچ پايدىلىق›› ئۆلچىمىنى ئىسلاھاتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان – بولمىغانلىقى ۋە خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولغان – بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىپ كەلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش ‹‹ئۈچ پايدىلىق››نىڭ بىرى.

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ خاس ئىسىم سۈپىتىدە پارتىيىنىڭ قارارى ۋە تارىخىي ھۆججىتىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىنتايىن زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ بىرىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ 8 – بۆلىكىدە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى مەركەز قىلىنىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھەم خەلق تۇرمۇشىنىڭ رولى، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەم ‹‹بەشكە ئىگە قىلىش››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى ۋە نىشانى يورۇتۇپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەقسىمات، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت سىياسەت ۋە تەدبىرلەر بېكىتىلدى. ئىككىنچىدىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنى كۈچەيتتى. خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكىچە؛ ‹‹ئۈچ پايدىلىق››تىن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە رىشتە باغلاش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشكىچە؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقىچە؛ ئاتالغۇلارنىڭ بارغانسېرى كونكرېتلىشىشى، بارغانسېرى ئېنىق بولۇشى، مەزمۇنىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشى، بارغانسېرى مۇكەممەللىشىشىگىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكى ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكى گەۋدىلەندى.

   خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ھۆكۈمەتتىن ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، ئاممىۋى سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. مائارىپ— مىللەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنىڭ ئۇلى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مائارىپنى ئالدىن  راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
   
   ئىشقا ئورۇنلىشىش—خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پائال ئىشقا ئورۇنلىشىش، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش تېپىپ ئىشلەش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپلا قالماستىن، كەسىپ جەھەتتە تەربىيىلەش، باراۋەرلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

   مۇۋاپىق كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى— ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى. كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر  يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانا ئىشچى  خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ۋە چىقىم كاپالىتى مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەقسىمات تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش  كېرەك.

   ئىجتىمائىي كاپالەت—جەمئىيەت تىنچلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. شەھەر  يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، باشقا سۇغۇرتا، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، كىرىمى تۆۋەنلەرنى ئۆيگە ئىگە قىلىش، ئىجتىمائىي، غەمخورلۇق، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

   سالامەتلىك ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ھەممە كىشىگە چېتىلىدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش – ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش– داۋالاش مۇلازىمىتى، داۋالىنىش كاپالىتى، دورا تەمىناتى، كېسەلنى كونترول قىلىش، مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ سىستېمىنى ئورنىتىپ، ئادەتتىكى ئاغرىقنى مەھەللىدە، چوڭ كېسەلنى دوختۇرخانىدا داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كېسەل كۆرسىتىش تەس ۋە كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك.

   خەلق تۇرمۇشى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ۋە ئىناق بولۇشى، خەلقنىڭ ساغلام ۋە بەختلىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش،  ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ